مەھمۇد ئابباس تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۆز قىلىدۇ

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس 14-15-ئاۋغۇست كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

2174349
مەھمۇد ئابباس تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۆز قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارىدىن 5 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئەردوغان-ئابباس ئۇچرىشىشىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى، رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلەر، رايوندىكى جىددىيچىلىك، بولۇپمۇ ئىران-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مەھمۇد ئابباس 15-ئاۋغۇست تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (TBMM) ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىدۇ.

ئابباسنىڭ پارلامېنتتا قىلىدىغان سۆزى 31-ئىيۇل پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى ئەڭ كۈچلۈك قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى ئومۇمىي كېڭىشى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر