گۈلەر: شارائىت ھازىرلانغىنىدا تۈركىيە-سۈرىيە رەھبەرلىرى كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلانغان تەقدىردە، تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە كۆرۈشۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2174508
گۈلەر: شارائىت ھازىرلانغىنىدا تۈركىيە-سۈرىيە رەھبەرلىرى كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ياشار گۈلەر ئەنگلىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — رېيتېرنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مىنىستىر گۇلەر تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى ھەققىدە توختىلىپ: «مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلانغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى تۈركىيە ۋە سۈرىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە كۆرۈشۈشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ھەربىي مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز سىغدۇرۇشچان بىر ئاساسىي قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى، ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى، ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك نورماللاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىلىرىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاشقا تەييارمىز. بۇ قەدەملەر بېسىلىپ،  چېگرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئىراق بىلەن بىرلىكتە تاشلانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەدەملىرىنىڭمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تەرەققىيات يولى تۈرىنىڭ ئىراق تەرەپنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىراقنىڭ پ ك ك نى «چەكلەنگەن تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر گۈلەر، ئۇلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پ ك ك نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر