ئەردوغان ئانافارتالار زەپىرىنىڭ 109 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانافارتالار زەپىرىنىڭ 109 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن غازى مۇستاپا كامال قاتارلىق بارلىق قەھرىمانلارنى ۋە شېھىتلەرنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2173920
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى يازمىسىدا: «چاناققەلئە داستانىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان ئانافارتالار زەپىرىنىڭ 109 – خاتىرە يىلىدا، غازى مۇستاپا كامالنى، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا پەرۋاسىز كۈرەش قىلغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە شېھىتلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.