ئەردوغان بىۋاسىتە خەلقنىڭ سايلىشى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 10 يىلنى تولدۇردى

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، 2014 – يىلى بىۋاسىتە خەلقنىڭ سايلاپ چىقىشى بىلەن تۇنجى قېتىم جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10 يىلنى تولدى.

2173972
ئەردوغان بىۋاسىتە خەلقنىڭ سايلىشى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 10 يىلنى تولدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ مۇھىم كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىگە تەۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا يازما ھەمبەھىرلەندى.

يازمىدا: «بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە ئەردوغاننىڭ مىللەتكە خىزمەت قىلىش سەپىرىنىڭ 10 يىللىقى» دېيىلدى.

يازمىدا يەنە: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللەتنىڭ سايلىشى بىلەن 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە  12- جۇمھۇر رەئىس بولۇپ سايلاندى» دېيىلدى. ئۇچۇردا جۇمھۇر رەئىس رەئىس ئەردوغاننىڭ 10 يىل جەريانىدىكى سۈرەتلىرىمۇ ھەمبەھىرلەندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدىكى يازمىسىدا، بۇ 10 يىل بويىچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قەتئىي ئىرادىلىك رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «جۇمھۇر رەئىسمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. بىز تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ مۇستەقىل، تېخىمۇ گۈللەنگەن بىر تۈركىيە ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر