فاھرەتتىن ئالتۇن ئىنستاگرامدىكى تۇنجى يازمىسىدا، ئىسمائىل ھېنىييەنى خاتىرلىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىنستاگرام زىيارەتكە ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يازمىسىدا، ئىسمائىل ھەنىييە ھەققىدە توختالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىنستاگرام زىيارەتكە ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يازمىسىدا، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا سۇيقەست بىلەن شېھىت قىلىنغان ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فاھرەتتىن ئالتۇن تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىنستاگرام ھېسابىدا ھەنىييەنىڭ رەسىمىنى ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى:
«شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ 10-كۈنىدە شېھىت ئىسمائىل ھەنىييەنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمەن. پەلەستىن ئازاد بولغىچە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر جاۋابكارلىققا تارتىلغۇچە، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.