قۇرتۇلمۇش قاراتاغ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش قاراتاغ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرۋىن ئىبراھىموۋىج بىلەن كۆرۈشتى.

2173423
قۇرتۇلمۇش قاراتاغ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش قاراتاغ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرۋىن ئىبراھىموۋىج بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايون، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش دوست ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بالقان رايونىدا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىنىڭ خاتىرجەلىك، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ قوغدىلىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «رايونىمىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن قاراتاغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى بارلىق بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.

قاراتاغ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرۋىن ئىبراھىموۋىج تۈركىيە بىلەن قاراتاغ ئوتتۇرىسىدكى ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچلەنگەن ھالدا داۋاملىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر