ئەردوغان ئەنقەرەدە قاتار ئەمىرى ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى.

2173199
ئەردوغان ئەنقەرەدە قاتار ئەمىرى ئال سانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ نۇقتىلىق سۆھبەت تېمىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، بۇ رامكا ئىچىدە تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى بىلەن تېھران-تېل ئاۋىۋ لىنيەسىدىكى سۈركىلىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاش ۋە پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

ئەردوغان بىلەن ئال سانى يەنە، تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىمۇ سۆزلىشىدۇ؛ بۇ دائىرىدە بۇلتۇر 1 مىليارد 300 مىليون دوللار بولغان ئىككى تەرەپ سودا ئومۇمىي سوممىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر