ئەردوغان مادۇرو بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن تېلېفونلاشتى.
2172787
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتى، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ۋېنېزۇئېلادىكى سايلامنىڭ پايدىلىق ئىشلارغا ۋاسىتە بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى سۆھبەت مۇساپىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ۋە بەخت-سائادىتىنى تىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەردوغان يەنە، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇپ، پەلەستىننى قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
ئەردوغان مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى.