ئەنقەرە پەلەستىن مەسىلىسىنى ئەدلىيە رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ

تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا سۇنۇلغان دېلوغا ئارىلىشىش ئىلتىماسىنىڭ، ئەنقەرەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئەدلىيە رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2172867
ئەنقەرە پەلەستىن مەسىلىسىنى ئەدلىيە رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا سۇنغان دېلوغا تەرەپ بولۇشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «دۆلىتىمىز جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 1948-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىدە كۆرسىتىلگەن مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا سۇنغان ئەرزىنى باشتىن تارتىپ يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دېلوغا تەرەپ بولۇش مۇمكىنچىلىكلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىش قارارىنىڭ (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تەرىپىدىن 2024-يىلى 1-ماي ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ جەرياندا، مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكى، ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تۆھپە قوشۇشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قانۇن خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، دېلوغا ئارىلىشىش ئىلتىماسىمىز خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ  63-ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىغا تەرەپ بولغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىگە سۇنۇلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «بىزنىڭ (ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا) ئارىلىشىش قارارىمىز دۆلىتىمىزنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى قانۇن ۋە ئادالەت دائىرىسىدە ھەل قىلىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى. ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانى ۋە خەلقئارا قانۇن ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر