مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا يەنە بىر قېتىم زەربە بەردى.

2173009
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئەزىز گابار كود ئىسىملىك تېررورچى سەردار سۆنمەزنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئۇچۇرىنى قولغا چۈشۈردى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملىرى ئېرىشكەن مەخپىي ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك تېررورچىسى سەردار سۆنمەز تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خاكۇركتىكى ھەرىكەت رايونىغا سىڭىپ كىرىپ، رازۋېدكا ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، مەرگەن مىلتىقى بىلەن ۋەقە پەيدا قىلماقچى بولغان.

ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سەردار سۆنمەزنى قەدەممۇقەدەم نازارەت قىلىشقا باشلىغان ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىگە سوقۇنۇپ كىرگەن خادىملىرى ئارقىلىق تېررورچىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

پ ك ك ئەزاسى سەردار سۆنمەز خاكۇركتىكى تۈركىيە ھەربىي بازىسىدا سۇيىقەست ۋەقەسى سادىر قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەسنادا بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر