خاقان فىدان ديېۋىد لامى بىلەن تېلېفونلاشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ديېۋىد لامى بىلەن تېلېفونلاشتى.
2172801
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، مىنىستىر فىدان بىلەن ۋەزىر لامىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتچى كەچەلى مىنىستىر فىدان بىلەن ۋەزىر لامىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قارشى تۇرۇۋاتقان تەرەپ ئىكەنلىكىنى، توقۇنۇشنىڭ رايون مىقياسىغا كېڭىيىش خەۋپى بارلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
ئەردوغان مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى.