تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا تەرەپ بولدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزنامىسىگە تەرەپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى مەھكىمىگە تەقدىم قىلدى.

2172725
تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا تەرەپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ لاھەيدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەلچۇق ئۈنال بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (TBMM) پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن تۈركىيەنىڭ دېلوغا تەرەپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى كاتىبات باشقارمىسىغا تاپشۇردى.

شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە نىكاراگۇئا ، كولومبىيە، لىۋىيە، مېكسىكا، پەلەستىن ۋە ئىسپانىيەدىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان يەتتىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەلقئارا سوتلاردا سوتلىنىشى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە شايكىسىنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن، خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بىر ئاز بۇرۇن ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرغۇزۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا ئارىلىشىش ئىلتىماسىمىزنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇردۇق. سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكىدىن ئىلھام ئالغان ئىسرائىلىيە، كۈنسېرى تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن يولىدا قىلىدىغان ئىشلىرىنى قىلىشى؛ ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تېگىشلىك دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. تۈركىيە بۇ يولدا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر