ئەردوغان: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب كۈچلىرى ئىسرائىلىيە ۋە زىئونىستلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب كۈچلىرى ئىسرائىلىيە ۋە بىر ئۇچۇم زىئونىستنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالدى» دېدى.

2171783
ئەردوغان: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب كۈچلىرى ئىسرائىلىيە ۋە زىئونىستلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ 10 ئاي ئىچىدە 40 مىڭ بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «تۈركىيە مەۋجۇتلۇق ۋە يوقلۇق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەلەستىننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنى قوغدايدۇ. كۆزىگە قان تولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىسىنىڭ نېمە قىلسا قىلسۇن، تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ پەلەستىن خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توسىيالمايدۇ» دېدى.

«ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب كۈچلىرى ئىسرائىلىيە ۋە بىر ئۇچۇم زىئونىستنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 7-ئاۋغۇستتا لاھەيدىكى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا قاتنىشىش ئىلتىماسىنى ئەدلىيە سوتىغا سۇنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر