تۈركىيە باڭلادىشتىكى ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باڭلادىشتىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

2171787
تۈركىيە باڭلادىشتىكى ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ باڭلادىش مىقياسىدا داۋام قىلىۋاتقان نامايىشلاردا ئادەملەرنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى، قۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە سايلامغا ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە  ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ باڭلادىشنىڭ دېموكراتىيەسى، تىنچلىقى شۇنداقلا مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باڭلادىشتا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىپ باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنا ۋەجىدنىڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن خۇلاسىلەنگەن ۋەقەلەردە، يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر