ئەردوغان: بۈگۈنىمىزنىڭ گىتلېرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئالقىشلىغانلار پېشانىسىدىكى قارا داغنى تازىلىيالمايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، بۈگۈننىڭ گىتلېرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئالقىشلىغانلارنىڭ پېشانىسىدىكى قارا داغنى تازىلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2171586
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مائارىپى پىروگراممىسىدا سۆز قىلدى.
خەلقئارا سىستېمىدا ئېغىر كۈچ بوشلۇقى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، ئەخلاق ۋە ۋىجداننىڭ يوقىلىش گىردابىغا قەدەم بېسىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىنسانىيەتنىڭ ئىنتايىن ئازابلىق كەچۈرمىشلەردىن كېيىن بەرپا قىلغان قائىدە-تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە ھەممىنىڭ بىردەك شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «غەززە كىرىزىسى بىلەن بىرلىكتە يەر شارى سىستېمىسى ۋەيران بولۇش بايرىقىنى چىقاردى. غەززە پۈتكۈل دۇنيانىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلىدى، ھەقىقەتنى ڭئۈستىدىكى پەردىلەرنى ئېچىۋەتتى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بىزگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئورگانلارنىڭ ئىچىنىڭ قانچىلىك قۇرۇق ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.
ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئادەتتە ئىنسانىيەتنى قوزغىتىشى كېرەك بولغان بۇ زۇلۇمغا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى» دېدى.
ئەردوغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ شېرىكلىرىگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تارىخ كىمنىڭ قەيەردە تۇرغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق خاتىرىلەيدۇ. بۇنىڭدىن 85 يىل ئىلگىرى ناتسىست پارلامېنتى رېيچستاگدا گىتلېرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇتقىنى قىزغىنلىق بىلەن ئالقىشلىغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى تارىخقا بىر نومۇس ئابىدىسى سۈپىتىدە يازغان بولسا، بۈگۈنىمىزنىڭ گىتلېرى نېتانياھۇنىڭ يالغانلىرىنى ئۆرە تۇرۇپ ئالقىشلىغانلارمۇ ئوخشاشلا قوللىرىغا چاپلىشىپ قالغان ئۇ قارا داغنى ئۆمۈر بويى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئەردوغان يەنە: «كىمنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئورنى پارلامېنت سەھنلىرى ئەمەس، بەلكى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان سوت زاللىرىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پولشا پارلامېنتى باشلىقى خولوۋنىيانى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پولشا پارلامېنت رەئىسى شىمون فرانچىشېك خولوۋنىيانى قوبۇل قىلدى.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.