خاقان فىدان مىسىردا پىرېزىدېنت ئابدۇل فەتتاھ ئەسسسى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىسىرغا يېتىپ بېرىپ، ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2171445
خاقان فىدان مىسىردا پىرېزىدېنت ئابدۇل فەتتاھ ئەسسسى بىلەن كۆرۈشتى
hakan fidan-sisi.jpg
ebu gayt-hakan fidan.jpg
hakan fidan misir'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەس سىسى خاقان فىداننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ X بېتىدىكى باياناتىدا: «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان ئالەمەيندە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەسىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى» دېيىلدى.

مىنىستىر خاقان فىدان مىسىردىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان مىسىرنىڭ ئالەمەين شەھىرىدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت بىلەن كۆرۈشتى» دېيىلگەن ئىدى.

خاقان فىدان ئەل-ئارىش شەھىرىدە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.

مىنىستىر فىدان مىسىر قىزىلئاي ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن غەززەگە ئەۋەتىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە مەلۇمات ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر