بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇن» مۇھاكىمە قىلىندى
بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا «ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇن» مۇھاكىمە قىلىندى.
2171496
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت نىڭ يەر شارى ئۇچۇر-ئالاقە ھەمراھى بولغان ئىستانبۇلدىكى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «غەززەدىن كېيىنكى خەلقئارا قانۇن ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» ناملىق يىغىندا، «ئادالەت ۋە خەلقئارا قانۇن» مۇھاكىمە قىلىندى.
ئامېرىكا پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتچىسى، سىياسەتشۇناس پىروفېسسور رىچارد فالك يىغىندىكى سۆزى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ غەززەدىكى كىرىزىسنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فالك خەلقئارا قانۇننىڭ رولى، ئۇنىڭ ھازىرقى يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملاشماقتا، غەززە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك رايوندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇش تەھدىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەندىشىگە ئايلاندى» دېدى.
فالك ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قارارلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلىشى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشتىكى ئاجىزلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىدىغان ۋە غەززە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ھەمدە شەرقىي قۇددۇسدىكى ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىدىغان ئىناۋەتلىك قارارلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى قوش ئۆلچىمىنى ئەيىبلىگەن فالك، يېتەرسىزلىكلەرگە قارىماي، خەلقئارا قانۇننىڭ ھەمكارلىشىش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا تەلىم-تەربىيە بېرىشنىڭ يەنىلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ب د ت نىڭ تۇرالغۇ ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى بالاكرىشنان راجاگوپالمۇ سۆزىدە، غەززە ۋە باشقا توقۇنۇش رايونلىرىدىكى سىستېمىلىق ئۆي چېقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىىدىغان تەسىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارنى خەلقئارا قانۇن بويىچە ئايرىم جىنايەت دەپ تونۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
راجاگوپال غەززەدىكىگە ئوخشاش ئۆيلەرنى چېقىشنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى.
غەززەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدە يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئالغان راجاگوپال، ھازىرقى شارائىتتا بۇ جەريانغا نەچچە ئون يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پولشا پارلامېنتى باشلىقى خولوۋنىيانى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پولشا پارلامېنت رەئىسى شىمون فرانچىشېك خولوۋنىيانى قوبۇل قىلدى.