ئىسمائىل ھەنىييە ئۈچۈن ئايا سوفىيا مەيدانىدا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى
ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا سۇيىقەستكە ئۇچراشتىن ئىلگىرى پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش ھەققىدە ئېلان قىلغان چاقىرىقىغا ئىستانبۇل جاۋاب قايتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ غەززەنى قوللاش ئۈچۈن پەلەستىننى قوللاش مۇنبىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئايا سوفىيا مەيدانىغا توپلانغان خەلق ئاممىسى تارىخىي يېرىم ئارالنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدىن مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
پۇقرالار تۈركىيە ۋە پەلەستىن بايرىقى بىلەن كەلىمە تەۋھىد بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، شارپىلارنى تاقىغان ھالدا پەلەستىننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن شوئارلارنى توۋلىدى.
پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار « دەريادىن دېڭىزغىچە پەلەستىنگە ئازادلىق!»، «قاتىل ئامېرىكا، پەلەستىندىن يوقال!» ، «قاتىل ئىسرائىلىيە، پەلەستىندىن يوقال!» ، «ئاقسا ئۈچۈن جېنىمىز ۋە ھاياتىمىز قۇربان بولسۇن!»، «ھاماسقا سالام! قارشىلىق داۋام!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ئىسرائىلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تەييارلانغان لوزۇنكىلاردا بولسا، «غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ» ، «ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» ، «قىرغىنچىلىق ئاخىرلاشسۇن، بالىلار ئۆلمىسۇن» دېگەن سۆزلەر يېزىلدى.
سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ھاماس سىياسىي بېيرۇسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ چوڭ رەسىملىرىمۇ يۈرۈشتە ئېچىلدى.
ھاماسنىڭ سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن ۋىلەيەتلىرىدىمۇ نارازىلىق قوزغىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، «پەلەستىن ھەرىكەت كومىتېتى» ئەزالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ھۇجۇم ئاستىدىكى غەززەنى قوللاش نامايىشى تەشكىللىدى.
گۇرۇپپا ئاخبارات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.