تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئاۋىستىرىيە قۇرۇلمىسىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) بىلەن ئىزمىر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئاۋىستىرىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئەزاسى ھىدىر قورقۇت قولغا ئېلىندى.
2170998
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى ھىدىر قورقۇتنىڭ ئاۋسترىيەدە تەشكىلاتقا چېتىشلىق نۇرغۇن جەمئىيەتتە مەسئۇل دەرىجىلىك پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقى ۋە ھەر خىل ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەنلىكى ئېنىقلانغان.شۇنىڭدىن كېيىن، يېقىندىن كۆزىتىش باشلانغان.
پ ك ك/ ك ج ك تېررورچىسى قوتقۇت 22-ئىيۇل تۈركىيەگە كىرگەندە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە ئىزمىر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى بىلەن قولغا چۈشۈرۈلگەن.
تېرورچى قورقۇت تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۈرمىگە ھۆكۈم قىلىنغان.