خاقان فىدان بۈگۈن ۋە ئەتە مىسىردا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن ۋە ئەتە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ.

2170989
خاقان فىدان بۈگۈن ۋە ئەتە مىسىردا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر فىدان بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئاتى، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان 20 گە يېقىن كېلىشىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئېنېرگىيە، سەھىيە، ساياھەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

زىيارەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ مادداسىنى تەشكىل قىلىدىغان غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر، پەلەستىن مەسىلىسى، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتىن سىرت يەنە، لىۋىيە، سۇدان ۋە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەر كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مىنىستىر فىداننىڭ ئەلئەرىش بىلەن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى زىيارەت قىلىشى، مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىكى تۈركىيەدىن غەززەگە ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر