تۈركىيە سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2170919
تۈركىيە سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈنۈگۈن سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«تۈنۈگۈن سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق. بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز، سومالى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. تۈركىيە سومالىنىڭ  تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ.»

مۇقدىشۇدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ دېڭىز ساھىلى ۋە مېھمانخانىغا قىلغان بومبا ۋە قوراللىق ھۇجۇملىرىدا 32 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 63 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر