قۇرتۇلمۇش: پەلەستىن داۋاسى ماھىيەت جەھەتتىن بىزنىڭمۇ مىللىي داۋامىزدۇر
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پەلەستىن داۋاسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن تۈركىيەنىڭمۇ، ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ مىللىي داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ دوھا ئەلچىخاناسى تەرىپىدىن بىر مېھمانخانادا ئۇيۇشتۇرۇلغان پىروگراممىغا قاتناشتى.
ئۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى:
«پەلەستىن داۋاسى پەقەت پەلەستىنلىكلەرنىڭ ياكى ئەرەب دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، ماھىيەت جەھەتتىن تۈركىيەنىڭمۇ، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ مىللىي داۋاسىدۇر. دەرۋەقە، خەلقىمىز بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى پەقەت سۆز بىلەنلا ئەمەس، ئەمەلىيىتى ئارقىلىق پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدى، ئىسپاتلىدى.»
«بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈرەش مۇساپىسى پەلەستىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ، ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ شايكىسى ئۈچۈن تېخىمۇ مۈشكۈل بىر باسقۇچ باشلاندى.»
«بىزنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىمىز شۇكى، ئاخىرىدا ئىنسانپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز تولۇق ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان مۇستەقىللىق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.»