فىدان ئەتە مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە (4-ئاۋغۇست) ۋە 5-ئاۋغۇست كۈنلىرى مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ.

2170946
فىدان ئەتە مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر فىدان بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئاتى، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئەسناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان 20 گە يېقىن كېلىشىمنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن، شۇنداقلا ئېنېرگىيە، سەھىيە، ساياھەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

زىيارەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ مادداسىنى تەشكىل قىلىدىغان غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر، پەلەستىن مەسىلەسى، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشتىن سىرت يەنە، لىۋىيە، سۇدان ۋە سومالىدىكى ئۆزگىرىشلەر كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

مىنىستىر فىداننىڭ ئەلئەرىش بىلەن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى زىيارەت قىلىشى، مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىكى تۈركىيەدىن غەززەگە ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر