تۈركىيە ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
2169278
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندا ئېلىپ بېرىلغان قەبىھ سۇيىقەست نەتىجىسىدە قەتل قىلىنىشىنى لەنەتلەيمىز» دېدى.
باياناتتا: «(ئىسرائىلىيەدە بېنيامىن) نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. بۇ ھۇجۇم غەززەدىكى ئۇرۇشنى رايونغا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە، رايونىمىز تېخىمۇ ئېغىر توقۇنۇشلارغا دۇچ كېلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
«بىز ئۆز يۇرتىدا، ئۆز دۆلىتىدە خاتىرجەم ياشاش مەقسىتىدە ھەنىييەگە ئوخشاش يۈزمىڭلارچە كىشىسى شېھىت بولغان پەلەستىن خەلقىدىن ھال سورايمىز» دېيىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپەدە سارىيىدا كۆرۈشتى.