قۇرتۇلمۇش بىلەن چەلىك ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى تۇرالغۇسىدا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،
« ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: <بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز> دەيدۇ.» دېگەن ئايەتنى ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى:
«غەززەدىكى شېھىتلەر كارۋانىغا يەنە بىر مەشھۇر مۇجاھىد قېتىلدى. پەلەستىن داۋاسىنىڭ سىياسىي رەھبىرى، ئائىلىسىدىن ئونلارچە كىشى شېھىت بولغان ئىسمائىل ھەنىييە قېرىندىشىمىز، ئىنسانىيەت دۈشمىنى، قەتلىئامچى زىيونىست ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نومۇسسىزلارچە ھۇجۇمى ئارقىلىق شېھىت قىلىندى. ئىسمائىل ھەنىييەگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن. ماكانى جەننەت بولسۇن! ئىسمائىل ھەنىييە ئېتىقادىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ياشىدى، قانداق ياشىغان بولسا شۇنداق ئۆلدى.»
«ئۇنىڭ پەلەستىن داۋاسىغا بېغىشلانغان ھاياتى ۋە كۈرىشى ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولدى. پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى شېھىت بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نامايەن قىلغان سوغۇققانلىقى ۋە سەۋر – تاقەتى ھەم تەۋرەنمەس ئېتىقادى ئۈچۈن رەببىم ئۇنى شېھىتلىك بىلەن مۇكاپاتلىدى. مەرھۇم ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ ئېيتقاندەك: <ئۇلار بىزنى توپراققا كۆمدى، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ (قايتا بىخ ئۇرۇپ چىقىدىغان) ئۇرۇق ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيتتى.> بارلىق پەلەستىن خەلقىگە ۋە ئەركىن پەلەستىن داۋاسىغا ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنىڭ ھەممىسىگە سەۋر - تاقەت تىلەيمەن ۋە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەھبىرى ۋە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا سۇيىقەستكە ئۇچرىشى ھەققىدە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«پەلەستىن داۋاسىنىڭ ئاساسلىق ئەربابلىرىدىن ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ تېھراندا زىيونىستلارنىڭ سۇيىقەست قىلىشى نەتىجىسىدە قەتل قىلىنىشىنى لەنەتلەيمىز. ئىسمائىل ھەنىييە پەلەستىن خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قاتىللارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە شېھىت بولدى. بۇ سۇيىقەست نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچى ۋە قەتلىئام شايكىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. قېرىنداش پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي داۋاسى (كۈرىشى) بۇ قاتىللارنى ھامان بىر كۈنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىدۇ.»