فىدان ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىران پىرېزىدېنتى مەسۇد پەزەشكىياننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
2169269
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكس (X) بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خاقان فىداننىڭ تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى مەسۇد پەزەشكىياننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراندا 5-ئىيۇل (2024) ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا غەلىبە قىلغان مەسۇد پەزەشكىيان، ئىراننىڭ 9-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى. دىنىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى ھامەنېي 28-ئىيۇل پەزەشكىياننى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تېھراندا تۈركمەنىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋن باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوۋ، ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى نەچىرۋان بارزانى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ياپونىيە شاھزادىسى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيە ۋەلىئەھدى شاھزادىسى ئاكىشىنونى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.