ئەردوغان، «قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نېنىمىزنىمۇ، سۇ ۋە كەلگۈسىمىزنىمۇ ئورتاقلىشىمىز»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نېنىمىزنىمۇ، سۇ ۋە كەلگۈسىمىزنىمۇ ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
2165385
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «ئىيۇل ئېيى كىرىشى بىلەن تەڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش بولۇشىنى قارار قىلدۇق. بۇ قارار تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇماقچى بولغان قىبرىسلىق تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا خەيىرلىك بولسۇن! تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نېنىمىزنىمۇ، سۇ ۋە كەلگۈسىمىزنىمۇ ئورتاقلىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 50 يىل ئىلگىرى بۇ تۇپراقلاردا بىر ئورناتقان تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.