تۈركىيە قىسىملىرى قىبرىستا پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە قىسىملىرى قبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەر دائىرىسىدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېرنە شەھىرىدە، ئانادولۇ پاراخوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 پاراخوت بىلەن دېڭىزدا پاراتتىن ئۆتكۈزدى.

2165323
تۈركىيە قىسىملىرى قىبرىستا پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى، قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، <TCG> ئانادولۇ پاراخوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان  50 پاراخوت، 3 دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى، 9 تىك ئۇچار، بايراقتار ت ب 3 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە بايراقتار قىزىلئەلما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى  بىلەن پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

<TCG> ئانادولۇ تەرىپىدىن21 پاي زەمبىرەك ئوقى ئېتىلدى، پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىدا بايراقتار ت ب 3 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى، بايراقتار قىزىلئەلما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى، 3 دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى ۋە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە نۇمۇر كۆرسىتىش ئايروپىلان ئەترىتىمۇ قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 50 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرنە ئاسمىنىدا ئۇچۇش نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتتى.

گېرنە ئاتاتۈرك ئابىدىسى ئەتراپىدىكى پارات ۋە ئۇچۇش نۇمۇرلىرىنى كۆرگەنلەر بۇ دەقىقىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن يانفونلىرىدا سىنغا ئالدى.

پارات ۋە ئۇچۇش نۇمۇرلىرىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار، باش مىنىستىر ئۈنال ئۈستەل، پارلامېنت  باشلىقى زورلۇ تۇرە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە تۈركىيەنىڭ لەفكوشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەتىن فەيزىئوغلۇدىن باشقا يەنە، مىنىستىرلار، ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە ئەسكەرلەرمۇ كۆزدىن كەچۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر