ئەردوغان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ بېرىپ، ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى.

2161211
ئەردوغان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى
erdogan nato zirvesi.jpg
viktor orban-erdogan nato zirvesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايالى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئاندرېۋ ۋېللون يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتونىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، پائالىيەتنىڭ بېشىدا كوللېكتىپ ھالدا سۈرەتكە چۈشتى.

پىروگراممىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، ناتونىڭ قۇرۇلۇشى، بوسنىيە ئۇرۇشى، قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق ئوخشىمىغان ۋەقەلەرگە ئائىت سۈرەتلەر كىرىش سىنلار كۆرسىتىلدى.

پائالىيەتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ناتونىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كېيىن، ئەردوغان مېھمانخانىدا ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشىتا، تۈركىيە-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇساپىسى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنچلىقپەرۋەر تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ رايونلاردا تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغان يەنە، ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تۈركىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر