تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خان يۇنۇستىكى مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە ئون بىگۇناھ پۇقرانى قەتل قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

2161196
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ خان يۇنۇستىكى مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپتە نەچچە ئون بىگۇناھ پۇقرانى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز. خان يۇنۇستا ئاشكارىلانغان كوللېكتىپ مازارلار ۋە يېقىنقى تۆت كۈندە بۇ يەردىكى تۆت مەكتەپنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىسپاتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق قىممەت قارىشى ۋە خەلقئارا قانۇننى نەزەردىن ساقىت قىلغان بۇ قىلمىشلىرى قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدىكى سەرگەردان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان بىر مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 29 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 50 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر