نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇكرائىنا پارلامېنتى باشلىقى رۇسلان ستېفانچۇك بىلەن كۆرۈشتى.

2161334
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسى ساھىبخانلىق قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ناتو پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە پايتەخت ۋاشىنگىتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇكرائىنا پارلامېنتى باشلىقى ستېفانچۇك بىلەن كۆرۈشتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋگە ۋە بالىلار دوختۇرخانىسى قاتارلىق نۇرغۇن بىنالارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پارلامېنتى باشلىقى ستېفانچۇك رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى نۇمان قۇرتۇلمۇشقا كۆرسىتىپ، ھۇجۇم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ستېفانچۇك يەنە، نۇمان قۇرتۇلمۇشنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا 24-ئۆكتەبىردە (2024) ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىرىم مۇنبىرى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، يىغىننىڭ ئارام ئېلىش جەريانىدا باشقا بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر