گۆرگۈن: مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز تۈركىيەگىلا ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ يېتىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى خالۇق گۆرگۈن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭمۇ ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك دەرىجدە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2161364
گۆرگۈن: مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز تۈركىيەگىلا ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ يېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆرگۈن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان <ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى>گە تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزلىرىنىڭ ناتونىڭ يالتايتىش كۈچى ۋە مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا مۇھىم ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن گۆرگۈن: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلىتىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ خىل يىغىن ۋە مۇنبەرلەرنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز. ئۇزۇن يىللار جەريانىدا ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ تەسىرى ۋە ئالغان ساۋاقلىرىمىز نەتىجىسىدە زور قۇربانلىقلارنى بېرىپ قۇرۇپ چىققان مۇداپىئە سانائىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز، بۈگۈن پەقەت دۆلىتىمىزنىڭلا ئەمەس، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭمۇ ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك دەرىجدە تەييار. مۇداپىئە سانائىتى ئەمگەك كۈچىمىز مەيلى سۈپەت مەيلى چىقىم جەھەتتە بولسۇن، ناتونى تېپىلماس پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە» دېدى.

گۆرگۈن يەنە تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ «چوڭ ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر» ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «كۈچىيىۋاتقان تۈركىيەمىزنىڭ چاقناۋاتقان يۇلتۇزى بولغان مۇداپىئە سانائىتىمىز، ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلاردا ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. باشلىقلار يىغىنىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر