11-ئىيۇل سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى

11-ئىيۇل سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق چۈشىنىش ۋە خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك قارارنامەسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

2161293
11-ئىيۇل سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 11-ئىيۇل سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق چۈشىنىش ۋە خاتىرىلەش كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىدى.

قارارنامەدە، سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا قارا داغ سۈپىتىدە يېزىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 2024-يىلى 23-ماي 11-ئىيۇل كۈنىنى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق چۈشىنىش ۋە خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيەدىمۇ 11-ئىيۇلنى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق چۈشىنىش ۋە خاتىرىلەش كۈنى قىلىش، كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن مۇۋاپىق شەكىلدە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.

ھەر يىلى 11-ئىيۇل كۈنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ نامىغا ۋە شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەخسۇس خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، تەلىم-تەربىيە ۋە خەلقنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سرېبرېنىتسا 1995-يىلى 11-ئىيۇل راتكو ملادىج قوماندانلىقىدىكى سېرب قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. ب د ت تەركىبىدىكى گوللاندىيە ئەسكەرلىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن بوشناقلار كېيىنچە سېربلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. سېربلار ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى بوشناق ئەسكەرلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 8 مىڭ 372 بوشناق ئەرنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى ئورمانلىقلارغا، زاۋۇتلارغا ۋە ئىسكىلاتلارغا كۆمۈۋېتىدۇ.

ئۇرۇشتىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلەرى تېپىش ئۈچۈن باشلانغان خىزمەتلەردە، كوللېكتىپ مازارلىقلاردا جەسەتلىرى تېپىلغان كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ھەر يىلى 11-ئىيۇلدا پوتوچارى خاتىرىلەش قەبرىستانلىقىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپ كەلمەكتە.

پوتوچارى خاتىرىلەش قەبرىستانلىقىدا ھازىرغىچە 6 مىڭ 751 كىشىنىڭ جەسىتى يەرلىككە قويۇلدى. 250 كىشىنىڭ جەسىتى ئائىلىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە باشقا قەبرىستانلىقلاردا يەرلىككە قويۇلدى. سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا جېنىدىن ئايرىلغان، ئەمما جەسىتى تېپىلمىغان 1000 دىن ئارتۇق كىشى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر