ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئاستانادا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن يېتىپ بارغان قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

2158986
ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئاستانادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇتىن كۆرۈشۈشىنىڭ ئاخباراتقا ئېچىۋېتىلگەن قىسمىدا: «قىممەتلىك دوستۇم بىلەن ئۇزۇندىن بېرى يۈزتۇرانە كۆرۈشەلمىدۇق، ئەلۋەتتە تېلېفوندا كۆرۈشتۇق. دوستلىرىمىز ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كەلدى، مىنىستىرلىرىمىز داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇردى» دېدى.

ئۇ يادرو ئېنېرگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «سىنوپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلىرىمىز بار. بۇ مەسىلىدە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقمىزغا ئىشىنىمىز. ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرىمىز رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن داۋاملىق كۆرۈشىدۇ. تۈركىيە بوتاش شىركىتى بىلەن رۇسىيە گازپروم شىركىتىنىڭ سەمىمىي مۇناسىۋەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 55 مىليارد دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسى بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنچىۋالا يۇقىرى ئەمەس. نىشانىمىز بولغان 100 مىليارد دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسىغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، بىز بۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگىمىز» دېدى.

ئۇ ساياھەتچىلىك ئۈستىدە توختالغاندا، 7 مىليونغا يېقىن رۇسىيەلىك ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەنى ساياھەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەدە كۈتۈۋېلىنىشى مۇھىم. بۇ مەسىلىدىكى ئىرادىمىز قەتئىي. مۇھىم بولغىنى رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر تۈركىيەگە كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولسۇن» دېدى.

ئۇ: «مەن تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قىزغىن مۇناسىۋەتتىن ھالقىغان ھالدا سىزلەرنى بالدۇرراق دۆلىتىمىدە كۈتۈۋېلىشنى خالايمەن» دەپ پۇتىننى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.

پۇتىن بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ چوقۇم تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىلان-لايىھەلىرىمىزنى پىلانلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز، دۇنيادىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر