تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى موستاردا كونسېرت بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەھتەران ئۆمىكى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ موستار شەھىرىدە كونسېرت بەردى.

2157376
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى موستاردا كونسېرت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يادىكارلىقى بولغان تارىخىي «موستار كۆۋرۈكى» ۋە ئەتراپىدا بېرىلگەن كونسېرت، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىقلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بوشناقلار (بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىقلار) نىڭ ئىسلام دىنىنى  قوبۇل قىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان ئاقھىسارلىق ئايۋاز دەدەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان 514 – نۆۋەتلىك  ئايۋاز دەدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىناغا كەتكەن  تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەھتەران ئۆمىكى، موستاردىن سىرت يەنە، سارايېۋو، تۇزلا ۋە دونجى ۋاكۇف شەھەرلىرىدىمۇ كونسېرت بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر