تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇۋا جىھانگىر ئاتاسەۋەر يەر شارىغا قوندى
تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇۋا جىھانگىر ئاتاسەۋەر ئالەم ساياھىتىنى تاماملاپ يەر شارىغا قايتىپ كەلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىكرو يەر تارتىش كۈچى تەجرىبىسىنى تاماملىغان تۇۋا ئاتسەۋەر، تۈركىيەنىڭ ئالەم قاتنىشى پروگراممىسىنىڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
تۇۋا ئاتسەۋەر ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى شىركىتى <Virgin Galactic> قا تەۋە ئالەم كېمىسى بىلەن 90 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە 7 تەجرىبە ئېلىپ باردى.
تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇۋا ئاتسەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «VSS Unity» ئوربىت ئاستى ئالەم كېمىسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى (ئامېرىكا سائىتى) 09:40 دە (تۈركىيە ۋاقتى) 18:40 دە ئاستا - ئاستا تۆۋەنلىگەنچەيەر يۈزىگە قوندى.
ئايروپىلان ئامېرىكاىنىڭ يېڭى مېكسىكادىكى ئالەم كېمىسى مەركىزىگە قونۇشى بىلەن، 4 ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋە 2 ئۇچقۇچىدىن تەركىب تاپقان 6 كىشىلىك « Galactic07» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئاتاسەۋەرنىڭمۇ ئوربىتە ئاستى تەتقىقات ئۇچىشى ئاخىرلاشقان بولدى.
ئاتاسەۋەر تەتقىقاتچى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقان بۇ ئەترەتكە ئامېرىكادىن ئىككى، ئىتالىيەدىن بىر خۇسۇسىي ئالەم ئۇچقۇچىسى قاتناشقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
باش ئەلچىلەر يىغىنى بۈگۈن باشلىنىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىقى بۈگۈن باشلىنىدۇ.