قۇرتۇلمۇش ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمەتلىرىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش يولىدا ئادىل ۋە جاسارەتلىك قەدەملەرنى تاشلىغان ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمەتلىرىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش يولىدا ئادىل ۋە جاسارەتلىك قەدەملەرنى تاشلىغان ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمەتلىرىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنى بۇنداق قانۇنلۇق قارارلارنى چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقان خەلقلەر ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى شەك – شۈبھىسىز ھالدا بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىدۇ.»
«ھەر خىل ياشتىكى مەسۇم كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈۋاتقان بۇ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ خەلقئارا سوتلاردا سوتلىنىدىغان ۋە جازالىنىدىغان كۈنلىرى يېقىنلاشتى. دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەرنى پەلەستىن خەلقى ۋە دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بۇ قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمەن.»