ئەردوغان ئىسىرائىلىيەنىڭ بوۋاقلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىسىرائىلىيە مەسئۇللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغان بوۋاقلارنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن» دېدى.

2114596
ئەردوغان ئىسىرائىلىيەنىڭ بوۋاقلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش ئەلچىلەرگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلدى.

ئۇ تىنچلىق ئېيى بولغان رامىزاننى (11-مارت-9-ئاپرېل) غەززە قاتارلىق يېقىن ئەتراپتا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن غەمكىن كۈتۈۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان زېمىنلاردا ئىسىرائىلىيەنىڭ بەش ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا 32 مىڭ قېرىندىشىمىز شېھىت بولدى. 73 مىڭ پەلەستىنلىك يارىلاندى. غەززە ئىسىرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كىچىك بالا ۋە ئاياللار مازارلىقىغا ئايلاندى. بىز بۇنى دېگەن ۋاقتىمىزدا، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ۋە جىنايەت شايكىسى بىئارام بولىدۇ. ھەممە يولنى سىناپ باقتى، ئەمما رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەقنى ۋە ھەقىقەتنى ۋارقىرشىغا ھەرگىزمۇ توسقۇنلۇق قىلالمىدى. بىزنىڭ قاتىلنى قاتىل دەپ ئاتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئىسىرائىلىيە مەسئۇللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغان بوۋاقلارنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن. بىر چىمدىم ئۇن، بىر باغلام تەييار چۆپ، بەلكىم بىر توغرام نان ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە ساقلاۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ بىزگە گەپ قىلىدىغان يۈزى يوق. تۈركىيە ئىلگىرىكىدەك بۈگۈنمۇ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىدۇ. زالىملارنىڭ قارشىسىدا قەتئىي ئارقىغا چېكىنمەيدۇ. ھەمممىز پەلەستىندە ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلارغا قەرزدارمىز، بۇب قەرز پەقەت ۋە پەقەت مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تۆلىنىشى مۇمكىن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر