ئالپەر گەزەرئاۋجى ئالەمدە تۇرۇپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىغا، ئۇنىڭ پۈتكۈل خەلق ئۈچۈن ئىلھام ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم ساياھىتىنى ھاياجان ئىچىدە كۆزەتمەكتە.
ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ۋەزىپىسى رامكىسىدا، تۈركىيە بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە يەتتە قېتىم ئالاقىلىشىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئۇ تۇنجى بولۇپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا: «پىلان بويىچە تەجرىبىلىرىمنى باشلىدىم. بۇ يەردىكى ۋاقتىمدا ھەممە تەجرىبىلەرنى تۈگىتىپ، نەتىجلەرنى خاتىرىلەيمەن. خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ مۇھىتىغا ناھايىتى تېز ماسلىشىپ كەتتىم. خىزمەتلىرىمنى پىلان بويىچە باشلىدىم» دېدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالپەر گەزەرئاۋج غا مۇنداق دېدى:
«مىللىي ئالەم پىروگراممىمىز رامكىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇھىم ۋەزىپە ئارقىلىق بالىلار ۋە ياشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقىمىزگە ئىلھام بولدىڭىز. سىزنىڭ ساياھىتىڭىز بىلەن ئالەم پىلانىمىزدا يېڭى دەۋرنىڭ ئىشكىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن بولدۇق.»
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ۋەزىپىسىنىڭ بىلىم ۋەزىپىسى بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئارقىلىق بىلىم خەزىنىسى ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقاتلارغا، تۈركىيەلىك ئالىملارمۇ ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان بولىدۇ. ئۇ يەردە ئوخشىمىغان تېمىلاردا قىلىدىغان تەجرىبىلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
باش ئەلچىلەر يىغىنى بۈگۈن باشلىنىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىقى بۈگۈن باشلىنىدۇ.