سوباجى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنىڭ ساداسى بولدۇق

تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنىڭ ساداسى بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2074574
سوباجى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنىڭ ساداسى بولدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ساداسى بولۇش ئۈچۈن   «ئۆزىگە خاس كۈچلۈك تارقىتىش پىروگراممىلىرى ئارقىلىق كۈچلۈك تەسىر قوزغاش» ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن تارقىتىش – ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

سوباجى «بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش – مەسئۇلىيەتلەر، پائالىيەتلەر ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى» تېمىسىدا ئىستانبۇلدا  چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك  2023 – يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان، تەخمىنەن 100 دۆلەتتىن 150 دىن ئارتۇق لىكسىيە سۆزلىگۈچى ۋە 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىۋاتقان يىغىندا، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھەكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە پىكىر – تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان سوباجى،  خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

سوباجى ت ر ت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈچلۈك – ئاجىز دەپ ئايرىماستىن، ھەققانىيەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن خەۋەرچىلىك، تارقىتىش – ئاڭلىتىش  پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى، شۇنداقلا ت ر ت نىڭ دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، رادىيو ئىستانسىلىرى ۋە دىگىتال سۇپىلىرى ئارقىلىق دۇنيادا يوققا چىقىرىۋېتىلگەن مىلياردلىغان كىشىلەرنىڭ ساداسى بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ساداسى بولۇش ئۈچۈن   <ئۆزىگە خاس كۈچلۈك تارقىتىش پىروگراممىلىرى ئارقىلىق كۈچلۈك تەسىر قوزغاش> ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن تارقىتىش – ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. چۈنكى بىز دۇنيانىڭ زېھىنلىرىنى بېسىۋالغان قاماللارنى بىكار قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىنسانلار غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەردىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ت ر ت ۋە تۈركىيەنىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرمەكتە، رادىيولىرىنى ئاڭلىماقتا. تارىخنىڭ قاراڭغۇ تەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى خالىمايدىغان ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ ساداسى ۋە مەيدانىدىن ئۇزۇقلانماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر