تۈركىيە - رۇسىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى بۈگۈن موسكۋادا ئېچىلىدۇ
تۈركىيە - رۇسىيە فېدېراتسىيەسى سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى بۈگۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئېچىلىدۇ.
2066861

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىنىڭ بۈگۈن موسكۋادا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تۈركىيە بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى مەسلىھەت يىغىنى 2023 – يىلى 21 - نويابىر (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، باش ئەلچى بۇراق ئاقچاپار ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىنىن ۋە ئالېكساندر گرۇشكو رىياسەتچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن موسكۋادا ئېچىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.