شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى 10 غا يەتتى.

2066834
شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى قەھرىمان سەپدىشىمىز پىيادە قىسىملار لېيتېنانتى ئابدۇللاھ كۆسەنى شېھىت قىلغان پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز كۈچلۈك شەكىلدە داۋام قىلماقتا. شېھىتىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمىغان قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز، رايوندا يەنە بەش تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى. شۇنداق قىلىپ، رايوندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانى 10 غا كۆپەيدى. شېھىتىمىزگە يەنە بىر قېتىم ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز. شېھىتنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب تۈرك خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى باياناتىدا، <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى، بەش تېررورچىنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر