جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالجىرىيەگە يېتىپ باردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۈركىيە - ئالجىرىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، پايتەخت ئالجىرغا يېتىپ باردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۈركىيە - ئالجىرىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئالجىرغا يېتىپ باردى.
ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببون جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئالجىرىيە خۇارى بۇمەديەن ئايرودرۇمىدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قارشى ئالدى.
مۇراسىمدىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن تېببۇن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە – ئالجىرىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئىككى رەئىسنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە ئالاقىدار مىنىستىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن پايتەخت ئالجىردا ئېچىلىدىكەن.
يىغىن دائىرىسىدىكى سۆھبەتلەر جەريانىدا، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان گۈللىنىش سۈرئىتى ئاشقان تۈركىيە - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن باشقا، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە، تۈركىيە - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بىر قاتار توختام ۋە رامكا كېلىشىملىرى ئىمزالىنىدىكەن.