قۇرتۇلمۇش: پۈتكۈل دۇنيا «غەززە قەتلىئامى» ئالدىدا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىر چاغلاردا «سرېبرېنىتسا قەتلىئامى» ئالدىدا سۈكۈت قىلغىنىدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ «غەززە قىرغىنچىلىقى» ئالدىدىمۇ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2059741
قۇرتۇلمۇش: پۈتكۈل دۇنيا «غەززە قەتلىئامى» ئالدىدا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرقاتار ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن (2-نويابىير) بوسنىيە – گېرتسېگوۋىناغا يېتىپ بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئىسلام ئىتتىپاقى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن ئېف  كازانوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

سارايېۋۇدىكى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئىسلام ئىتتىپاقى بىناسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا، سابىق  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى خۇلۇسى ئاقارمۇ قاتناشتى.

قۇرتۇلمۇش ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، بالقان رايونىنڭ مۇقىملىقىنىڭ، بولۇپمۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«شۇ ۋەجىدىن، تۈركىيە بۇنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ھەرقانداق بىر قەدەمگە قانۇنىي جەھەتتىن ئەسلا يول قويمايدۇ.»

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئىسلام ئىتتىپاقى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن ئېف كازانوۋىچ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋامىدا، غەززە رايونى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەمدە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلۈكى ئۈچۈن نۇمان قۇرتۇلمۇشقا تەشەككۈر ئېيتتى. قۇرتۇلمۇش ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە ئېغىر سىناقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پۈتكۈل دۇنيا بىر چاغلاردا <سرېبرېنىتسا قەتلىئامى> ئالدىدا سۈكۈت قىلغانىدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ <غەززە قىرغىنچىلىقى> ئالدىدا سۈكۈتكە چۆممەكتە، جۈملىدىن، غەززەدە 10 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان، مىليونلارچە نوپۇسقا ئىگە رايون توختاۋسىز بومباردىمان قىلىنىۋاتقان، بىگۈناھ پۇقرالار قەتل قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىك ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرماقتا.»

نۇمان قۇرتۇلمۇش «سرېبرېنىتسا قەتلىئامى» دىكىگە ئوخشاشلا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھەم جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار، ھەمدە قوللىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ «غەززە قەتلىئامى» ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قۇرتۇلمۇش بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ كوۋاچى شېھىتلىرى مازىرىدىكى قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى، گۈل – چېچەكلەرنى قويدى ۋە دۇئا قىلدى.

قۇرتۇلمۇش يەنە، مەرھۇم ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ئۇ ھايات ۋاقتىدا سارايېۋۇدا تۇرغان ئۆيىنى زىيارەت قىلدى ۋە  دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى باكىر ئىززەتبېگوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە، بۈگۈن (3-نويابىر)  بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدىكى پالاتا ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر