يەرلىكايا تۈركىيەنىڭ يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا 1- ئىيۇندىن 22- سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا 42 مىڭ 875 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2043602
يەرلىكايا تۈركىيەنىڭ يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 22 – سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا، 97 مىڭ 363 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ 42 مىڭ 875 نىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئاساسلىقى ئافغانىستان، پاكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ئىران چېگراسىدىن كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان مىنىستىر يەرلىكايا، ئۆزلىرىنىڭ كۆچمە كۆچمەن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئىستانبۇلدا يولغا قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ: «1 – ئۆكتەبىردە بۇرسا، ئادانا، ئىزمىر ۋە ئەنقەرەدە كۆچمە كۆچمەن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. 1 – نويابىردا بۇ ماشىنىلارنىڭ سانىنى 153 كە يەتكۈزۈپ، 30 چوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدە بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويىمىز، 1 – دېكابىردا تۈركىيە مىقياسىدا يولغا قويۇلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گىرېتسىيە كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىنىش ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە بۇلغارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر يەرلىكايا، بۇلغارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كالىن ستويانوفنىڭ 10- ئۆكتەبىر تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى، گىرېتسىيە كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىنىش ئىشلىرى مىنىستىرى دىمىترىس كېرىدىسنىڭ زىيارەت ۋاقتىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر