مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچى مەزلۇم ئۆزتۈركنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ياۋروپادىن كېلىپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قېتىلغان «بەرخۋەدان چىياگەر» يالغان ئىسىملىك تېررورچى مەزلۇم ئۆزتۈركنى ئۇجۇقتۇردى.

2043065
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچى مەزلۇم ئۆزتۈركنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقان پ ك ك / ك ج ك ئەزاسى مەزلۇم ئۆزتۈركنىڭ 2022 – يىلى ئاۋغۇستتا تۈركىيەدىن ياۋروپاغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياۋروپا دېموكراتىك كۇردىستانلىقلار جەمئىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى دائىرىسىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئېنىقلاندى.

تېررورچى ئۆزتۈركنىڭ يەنە يانۋار ئېيىدا فىرانسىيەدىن بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ تاغلىق رايون ئۇنسۇرلىرىغا قېتىلىپ، قوراللىق پائالىيەتلەرنى باشلىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش مەشىقى ئالغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە تاغلىق رايونىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تېررورچى ئۆزتۈرك، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر