تۈركىيە - لىتۋانىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ۋىلنىيۇستا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە – لىتۋانىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئەتە ۋىلنيۇستا چاقىرىلىدۇ.

2041436
تۈركىيە - لىتۋانىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ۋىلنىيۇستا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بىلەن لىتۋانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى مەسلىھەت يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى باشلىقى باش ئەلچى مەھمەت كەمال بوزاي بىلەن لىتۋانىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوۋىتا نېلىئۇپسىئېننىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە 25-سېنتەبىر ۋىلنيۇستا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «كېڭەش يىغىندىا، دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت لىتۋانىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىز ھەرقايسى جەھەتلەردىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ھەمدە تۈركىيە- ياۋروپا مۇناسىۋىتى بىلەن رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر