تۈركىيە گوللاندىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز بۈگۈن (23-سېنتەبىر) گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدىكى بىزنىڭ ئەلچىخانىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا مۇقەددەس كىتابىمىز <قۇرئان كەرىم>گە قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇملارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
«بىز ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆز يۇمغانسېرى دىنىمىز ۋە ئۇنىڭ ئېتىقادچىلىرىنى ھاقارەتلەشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كېتىشىنى ۋە بۇ ئۆچمەنلىك قىلمىشلىرىغا پىكىر ئەركىنلىكى نامى ئاستىدا رۇخسەت قىلىنىشىنى ئەيىبلەيمىز» دېيىلگەن باياناتتا يەنە: «مەزكۇر ھۇجۇملار سادىر قىلىنغان دۆلەتلەر ب د ت تەرىپىدىنمۇ دىنىي ئۆچمەنلىك ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇ ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قارشى دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك. بىز بۇ ھۇجۇملار ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئالاقە ئورناتقان گوللاندىيە دائىرىلىرىنى بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىغا قارىتا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشقا ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بۇ قەبىھ قىلمىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا يەنە: «تۈركىيە بارلىق سۇپىلاردا بۇ كېسەل ۋە ئۆچمەنلىكنى ئاساس قىلغان روھىي ھالەتكە قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.
گوللاندىيەدىكى ئىرقچى ۋە ئاشقۇن ئوڭچىل غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېدۋىن ۋاگېنسۋېلد تۈركىيەنىڭ لاھەيدكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، يەنە قۇرئان كەرىمنى يىرتىۋەتكەنىدى.
تۈنۈگۈن تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ لاھەيدىكى ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى يىرتىپ تاشلىغان ۋاگېنسۋېلد، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلىگەنىدى.
تۈركلەرنى ۋە تۈركىيەنىمۇ ھاقارەتلىگەن ۋاگېنسۋېلد، قۇرئان كەرىمنى يىرتىش جەريانىدا ئۆزىنى قوغدىغان ساقچىلارغا رەھمەت ئېيتقانىدى.