ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئائىت قورال – ياراغ ۋە ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت قورال - ياراغ ۋە ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.

2041229
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئائىت قورال – ياراغ ۋە ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئائىت قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، پاراقلاپ تاشلىدى.»

باياناتتا قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلار توغرىسىدا مەلۇماتمۇ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر