تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدە 12 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر تېررورچى گۇرۇپپا ئېنىقلاپ چىقىلغان.
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – ي ب ش نىڭ ئاتالمىش سىنجار رايونلۇق ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى مەسئۇلى خالىد رېشو قاسىمنى ئىراقنىڭ سىنجار شەھىرىدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلغان.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراقتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان «روشىدا» لەقەملىك ھېلىن ئۆزگۈرەك بىلەن «ھۆگىر ئارمانچ» لەقەملىك ئۆزەر يىلدىرىمنىڭ تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.